قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ گۈزەل قىسسە دەپ تەرىپلەنگەن يۇسۇف سۈرىسىدە، ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكاندا، ئوخشىمىغان مەنىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچ خىل كۆڭلەكنى كۆرىمىز. سۈرىدىكى بۇ ئۈچ خىل كۆڭلەڭ ئوبرازى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى، دراماتىك ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئىلاھىي تەجەللىنى ئىپادىلەيدىغان تولىمۇ گۈزەل ئەدەبىي ۋە مەنىۋىي خەزىنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندىن كېيىن، ئاكىلىرى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامغا ئۈستىگە ساختا قان سۈركەلگەن بىر كۆڭلەكنى ئېلىپ كېلىشكەنىدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام كۆڭلەكنىڭ قانغا بويالغانلىقىنى، ئەمما يىرتىلمىغانلىقىنى كۆرۈپلا، پەرزەنتلىرىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلگەنىدى.
بۇ، سۈرىدىكى تۇنجى كۆڭلەك بولۇپ، بۇ يەردىكى كۆڭلەڭ بىر تەرەپتىن ئىنسان بالىسىدىكى ھەسەتخورلۇق، ھىلە-مىكىرگە ئىشارەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كۆڭلەك، ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھىجراننىڭ، ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان «سەبرۇن جەمىل» بولغان (گۈزەل سەبىر) سەپىرىنىڭ باشلىنىشىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى.
قىسسىنىڭ داۋامىدا مەشھۇر بىر ۋەقە، يەنى زۇلەيخانىڭ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشى ۋە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ھاياسىزلارچە تەكلىپىدىن قېچىۋاتقىنىدا، كۆڭلىكىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن يىرتىلىش ۋەقەسى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە پاكلىق، ئىپپەت ۋە تۆھمەتكە قارشى ئىلاھىي شاھىتلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئىككىنچى كۆڭلەك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بۇ كۆڭلەكنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئەمەس، ئارقا تەرىپىدىن يىرتىلىشى، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى قاچقان تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. بۇ كۆڭلەك ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە بىر ئىنساننىڭ ئېسىل خاراكتېرى ۋە ئەقىدە-ئېتىقادىغا سادىقلىقىنىڭ ئەڭ ئېغىر شارائىتلاردا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن قانداق قوغدىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەقىقەتنىڭ بىر كۈنى ھامان ئاشكارە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
سۈرىنىڭ ئاخىرىغا بارغانچە، بۇ قېتىم ئالدىمىزغا بىرىنچى كۆڭلەك سەۋەبلىك يىغلاپ كۆزلىرىدىن ئايرىلغان ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزىنى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىرنىڭ ئەزىزى (ۋەزىرى) بولغاندىن كېيىن، ئاتىسىغا ئەۋەتكەن ۋە ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋەسىلە بولغان، شىپا ۋە ۋىسال خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئۈچىنچى كۆڭلەك چىقىدۇ.
بىرىنچى كۆڭلەك سەۋەبلىك يىللارچە ھىجران دەردىدە يىغلاپ، كۆزلىرىدىن ئايرىلغان ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى، بۇ ئاخىرقى كۆڭلەكنىڭ ۋەسىيلىسى بىلەن شىپا تاپىدۇ. ھىجران دەردى بىلەن باشلانغان بىر قىسسە، پەرۋەردىگارى يولىدىكى گۈزەل بىر سەبىرنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئاشۇ ھىجرانغا سەۋەب بولغان يولدىن كەلگەن بىر خۇشاللىق، جەم بولۇش، مۆجىزە ۋە قايغۇنىڭ شادلىققا ئايلىنىشى بىلەن تاماملانغان بىر ئىلاھىي ئادالەتنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا تەجەللى قىلىدۇ.
خۇلاسىلىغاندا، بىرى خىيانەت ۋە ئايرىلىشنىڭ ، يەنە بىرى ئىپپەت، سىناق ۋە سەبىرنىڭ، ئاخىرقىسى بولسا خۇش-خەۋەر، شىپا ۋە جەم بولۇشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچ كۆڭلەكنى مەركەز قىلىپ ئايلانغان بۇ ئۈچ ۋەقەدە، ئاللاھ تائالا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى بىر كۆڭلەك بىلەن ئىمتىھان قىلغان بولسا، يەنە بىر كۆڭلەك بىلەن ئاقلىغانىدى، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر كۆڭلەك بىلەن ئائىلىسىنى ئۇنىڭ بىلەن جەم قىلغانلىقىدەك ئىلاھىي بىر باغلىنىشنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلغانىدى.
بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.
زاد-راھىلە تورى تارقاتتى.
ماقالىنىڭ PDF نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈۋالالايسىز:
