شۇنى ئېتىراپ قىلايلىكى، ئوقۇۋاتقان نامازلىرىمىز ئۆلۈك نامازدۇر. قېنى كېلىڭلار، ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلسىمۇ سەمىمىي بىر پاراڭلىشىپ باقايلى: بىز نامازنى خۇددى ئەرۋاھلاردەك ئوقۇۋاتىمىز. ھەرىكەت قىلىۋاتقان، رۇكۇغا بارىدىغان، سەجدە قىلىدىغان بەدەن ۋە ئاغزىمىزدا پىچىرلاۋاتقان پاساھەتلىك ئەرەبچە كەلىمەلەر… ئەمما ئېڭىمىز پۈتۈنلەي ئۆلۈك. بىز كىشىلەرنى ئالداۋاتقىنىمىز يوق، بىز ئەسلىدە ئېسىل ئىنسانلار، ئەمما ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ «ھۆكۈمدارلارنىڭ ھۆكۈمدارى» ئاللاھ بىلەن بولىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك ئۇچرىشىشتا تەييار ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمايۋاتىمىز.

ناماز بىز ئۈچۈن پەقەت كۈندىلىك بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنى خۇددى ئويلانماستىن ماشىنا ھەيدىگەندەك، ئىختىيارسىز ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل نېرۋا مەركىزىمىز باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز قەلبى ئويغاقلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇسكۇللارنىڭ ھېپىزى بىلەن ناماز ئوقۇۋاتىمىز. بىز نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا تېز ۋە ماشىنىلاشقان ھالەتكە كېلىپ قالدۇق؟ كىشىنى چۆچۈتىدىغان پىسخىكىلىق بىر ھەقىقەت شۇكى؛ بىز ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلىق ھېسسىياتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇۋاتىمىز. ۋىجدانىمىز بېشىمىزدا دېۋەيلەپ «ناماز ۋاقتى بولدى!» دەپ توۋلاۋاتقان شاۋقۇنلۇق بىر سائەت قوڭغىرىقىغا ئوخشاپ قالدى. بىزمۇ بۇ ئاۋازنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن نامازنى خۇددى ناھايىتى تېز تەسىر قىلىدىغان بىر تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىچكەندەك ئىچىپلىۋېتىمىز. بىز ئىلاھىي رازىلىقنىڭ ئەمەس، پەقەت بىر ئىچكى جىمجىتلىقنىڭ پېيىدىمىز.

ناماز خۇددى ھاياتىمىزدىكى كۆڭۈللۈك دەقىقىلەرنى بۆلىۋېتىدىغان بىر زېرىكىشلىك ئېلاندەك بولۇپ قالدى. سالام بېرىپ نامازدىن فارىغ بولغىنىڭدا، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان-ئوقۇمىغانلىقىڭنى ئەسلىيەلمەي قالغان چاغلىرىڭ بولدىمۇ؟ مانا بۇ دەل ئاڭقىرىش كورلىقىدىن ئىبارەت. بىز «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن پەيتتە، ئېڭىمىز ئارىدىن چىقىپ كېتىدۇ-دە، ئورنىنى ھېلىقى ئاڭسىز، ماشىنىلاشقان خىزمەتچىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. تىل ئىلگىرى يادلىۋالغانلارنى ماشىنىدەك ئوقۇپ بېرىدۇ، ئەمما مەنالىرى قەلبكە يولۇقۇپمۇ قويمايدۇ. بەدىنىمىز جىسمانىي ھەرىكەتلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇندايدۇ، ئەمما ئەقلىمىز تۇرمۇشنىڭ غەملىرىنى ھەل قىلىشقا ياكى كەچلىك تاماقتا نېمە يىيىشنى پىلان قىلىشقا كېتىپ قالىدۇ. ئۇ پەيتتە سەن خۇددى تېلېفوندىكى «ئايروپىلان ھالىتى»دە بولغان بولىسەن؛ بەدىنىڭ قىبلىگە ئۇلانغان (online)، ئەمما روھىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۈزۈلگەن(offline). سەن ئۇ پەيتتە ئىشلەۋاتقان، ئەمما تورغا ئۇلانمىغان بىر ئۈسكۈنىگە ئوخشايسەن.

بۇ بىر ئىچى قۇرۇق كونۋېرتلارنىڭ ئىبادىتىدۇر. ئويلاپ كۆرگىن، بىر ئۇلۇغ پادىشاھقا سەن ھەر كۈنى بەش قېتىم خەت ئەۋەتىسەن؛ كونۋېرت تولىمۇ نەپىس، ماركىلىرى جايىدا چاپلانغان، ئادرېسىمۇ توغرا… ئەمما پادىشاھ كونۋېرتنى ئاچقاندا بولسا ئىچىدە ھېچنىمە يوق بولۇپ چىقىدۇ. ئىچىدە نە بىر مۇھەببەت سۆزى، نە بىر تەلەپ، نە بىر ئەپۇ سوراش يوق.

مانا بۇ بىزنىڭ ماشىنىلاشقان، مېخانىكىلىق نامازلىرىمىزنىڭ ھالىتى: سىرتقى كۆرۈنۈشى فىقھىي جەھەتتىن توغرا؛ تاھارەت، قىبلە، ئەۋرەتنى يېپىش ھەممىسى جايىدا… ئەمما ئىچىدىكى ئۇچۇر قۇرۇق! قەلب يوق، مۇھەببەت يوق، مۇھتاجلىق ھېسسىياتى يوق. ئىچى قۇرۇق كونۋېرتلارنى كۆپەيتىۋېرىپ، يەنە نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق ئىشنىڭ ئۆزگەرمەيۋاتقانلىقىغا ھەيران بولىمىز. چۈنكى سەن ئەسلىدە خەت ئەۋەتمىدىڭ، پەقەتلا قۇرۇق بىر كونۋېرت ئەۋەتتىڭ. كونۋېرتنىڭ ئورنى بولسا ئەخلەت ساندۇقى، خالاس.

باشقا بىر نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ، مېھماننى كەمسىتىشتۇر. بۇ كۆرۈنۈشنى پىسخىكىلىق جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ باقايلى: ئىنتايىن مۇھىم بىر مېھمىنىڭ كەلسە، سەن ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغاندا توختىماي تۇرۇپ-تۇرۇپ سائىتىڭگە قارىساڭ، تاقەتسىزلەنسەڭ، تېز-تېز سۆزلەپ كۆزۈڭنى ئىشىككە تىكسەڭ، ئۇ مېھمانغا «سەن مەن ئۈچۈن بىر يۈك، قاچان كېتىسەن؟» دېگەندىن باشقا يەنە نېمە ئۇچۇر بەرگەن بولىسەن؟ سۈرە فاتىھەنى بىر تىنىقتىلا ئوقۇپ، قاغىنىڭ دان چوقۇغىنىدەك تېزلىك بىلەن رۇكۇ ۋە سەجدىگە بارغىنىمىزدا، ئىمام نامازنى ئازراق ئۇزارتىپ قويسا يۈرىكىمىز سىقىلغىنىدا، ئەسلىدە ئاللاھقا سۆز بىلەن ئىپادىلىمىگەن بولساقمۇ مۇنۇ ئازارلىغۇچى ئۇچۇرنى يوللاۋاتقان بولىمىز: <ئى رەببىم، سەن بىلەن كۆرۈشۈش بىر يۈك، مەن تېزرەك نورمال ھاياتىمغا قايتىشنى خالايمەن…>

بىز نامازغا بىر غەنىمەت كەبى ئەمەس، بەلكى بىز بېرىشتىن قاچىدىغان بىر باجدەك قارايمىز. بىردىنبىر غېمىمىز قەرزدىن قۇتۇلۇش: «نامازنى ئوقۇدۇڭمۇ؟ ھەئە، تۈگىدى.» فىقھىي جەھەتتىن نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىغىلا دېققەت قىلىپ، قەلبى جەھەتتىن ئاللاھقا يۈزلىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋاتىمىز. ھالبۇكى، بۇنداق ناماز بىلەن جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ ئالالماسلىقىمىز مۇمكىن.

خۇلاسە قىلغاندا؛ پادىشاھقا ئۆلۈك بىر بەدەننى تەقدىم قىلمىغىن. قەلبى سوغۇق ساۋابلارنى پومپىلايدىغان بىر ماشىنىغا ئايلىنىپ قالغانلارغا دەيمەنكى: خۇشۇ بولمىغان ناماز، روھسىز بىر جەسەتتۇر. بىزنىڭ تىلىمىزدا روھسىز جەسەتنى «تاپ» دەيمىز. قايسى بىر بەندە، شاھلارنىڭ شاھى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قەلبىنىڭ ئورنىغا بىر «ناماز ئۆلىكى» بىلەن چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ ۋە ئاندىن كېيىن يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن مۇكاپات كۈتىدۇ؟ بۇ يەردە توختاپ، ئويلانغىن…

زاد-راھىلە تورى تەرجىمە قىلدى.

ماقالىنىڭ PDF نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ: