«سىياسەت» سۆزى لۇغەت جەھەتتىن ئەرەب تىلىغا مەنسۇپ ۋە ساسە، يەسۇسۇ، سىياسەتەن(ساس، يسوس، سياسة) شەكلىدە تۈرلىنىدىغان سۆز تومۇرى بولۇپ، ئەرەب تىلىدا تەربىيلەپ چىقىش مەنىسىدە كېلىدۇ، مەسىلەن: ئات ۋە باشقا ھايۋانلارغا ئوت-چۆپ، يەم-خەشەكلەرنى بېرىش، سۇغۇرۇش، تازىلاش، كۆندۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى (ساس الدابة او الفرس) يەنى»چارۋا ياكى ئات باقتى»دېگەنگە ئوخشاش.
لۇغەتشۇناشلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «سىياسەت» سۆزى ھايۋاناتلارنى تەربىيىلەشتىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، تەرەققىي قىلىپ كۆچمە مەنىدە ئىنسانلارغا قوللىنىلغان. دېمەك، «سىياسەت»نىڭ ئىنسانلارغا قوللىنىلغاندىن كېيىنكى مەناسى ئىجتىمائىي پەننىڭ ئەڭ مۇھىم تارمىقىدىن بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەزەرىيە جەھەتتە»سىياسەت» مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە «ئىنسانلار جەمئىيىتىنى مەلۇم باش پرىنسىپ ۋە قائىدىلەر ئاساسىدا تەربىيلەپ يېتىلدۈرىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان پەن » دېگەنلىك بولىدۇ.
شۇڭا بىز «سىياسەت» ئاتالغۇسىنىڭ مەخسۇس تېرمىن (قوللانما سۆز) گە ئايلانغاندىكى مەنىسىنى: تەدبىر، يېتەكلەش، باشقۇرۇش، قۇماندانلىق قىلىش قاتارلىق مەنالاردا چۈشىنىمىز. قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ «ھىكمەت» سۆزى بىلەن «سىياسەت» سۆزىنى مەنىداش قوللانغانلىقىنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
ھەر قانداق بىر ئاتالغۇ مىللى مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . يەنى ئەرەبلەرنىڭ » سىياسەت» ئۇقۇمىنى تەسەۋۋۇر قىلىش شەكلى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «سىياسەت» ئۇقۇمىنى تەسەۋۋۇر قىلىش شەكلىدە پەرق بولىدۇ. مەسىلەن :ئىسلام ئېتىقادىنى، ئەخلاقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر ساغلام ساقلاپ قالالىغان ۋە ھازىرقى زامان ئاتالمىش «سىياسەت» ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئانچە ئۇچرىمىغان ئەرەپلەر «سىياسەت»نى ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق، ئەخلاقسىزلىق قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ.
چۈنكى ئىسلام سىياسىتى ئېسىل ئەخلاق ۋە ئىلاھىي ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە ئۈلگە كۆرسەتكەن.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغىمۇ شۇ بويىچە سىڭگەن. بۇ بولسا «ۋاستىلەرنىڭ ھۆكمى مەقسەتلەرنى ھۆكمى بىلەن ئوخشاش» دېگەن شەرىئەت تەلىماتىدىن كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سىياسى مەخسەتلەرگە يىتىشتە رەزىل ۋاستىلەرنى قوللانمايدۇ.
دېمەك، مۇسۇلماننىڭ مەقسىدىمۇ توغرا بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا يېتىدىغان ۋاستىسىمۇ توغرا بولۇشى لازىم. دېمەك، مۇسۇلماندا سىياسەت، پەلسەپە ئەمەس، دىندۇر ۋە مۇقەددەستۇر. ئىسلام سىياسىتىدىن يىراق ھەر قانداق بىر «سىياسەت» ئۆزىگە » غايە ۋاستىنى ئاقلايدۇ» دېگەن سىياسىي پەلسەپەنى باش پرىنسىپ قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلار ۋە ئەھلى بىدئەتلەر سىياسى مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ. دېمەك، كاپىرلارنىڭ ۋە ئەھلى بىدئەتلەرنىڭ «سىياسەت» دېگىنى: ھىيلە-مىكىر، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، قويمىچىلىق، دېگەندەك مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلاردا «سىياسى ئويۇن «، «سىياسى سودا»، «قوش جىنىسلىق سىياسەت» ۋە » سىياسىي پاھىشىۋازلىق » دېگەندەك ئاتالغۇلار بار.ئىسلامدا «سىياسى تەدبىر» بار. ئەمما «سىياسى ئويۇن» يوق.
«سىياسى كېلىشىم» بار، ئەمما «سىياسى سودا » يوق… ۋەھاكازا…
ھەرقانداق تېرمىن (قوللانما سۆز) ئۆزى يالغۇز قوللىنىلسا، شۇ سۆزنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىدىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا بىز كۆزلىگەن مەنانى ئۇنىڭ ئىچىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن باشقا مۇناسىپ سۆزلەرنى قوشۇپ تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن «توغرا سىياسەت»، «خاتا سىياسەت»، «ئىلغار سىياسەت «، «قالاق سىياسەت «، «رەزىل سىياسەت» ۋە «شانلىق سىياسەت «ۋەھاكازا … دېگەندەك ئاتالغۇلارنى قوللىنىشىمىز مۇمكىن.
ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا «سىياسەت » ئۇقۇمى ئىلمىي رۇشەنلەشتۈرۈلمىگەچكە پەننى زىيالىيلار، دىنى زىيالىيلار ۋە ئادەتتىكى ئامما ئوتتۇرىسىدا «سىياسەت» ئۇقۇمىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتا چوڭ پەرقلەر بار.
گەپنى قىسقارتساق ، سىياسەت ئۇقۇمى ئىسلام دىنىدا «ئاللاھنىڭ ۋەھىي تەلىماتى ئاساسىدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى»دىن ئىبارەتتۇر.
عن أبي هُريرة رضي الله عنهُ قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : كانت بنو إسرائيل تَسُوسُهُمُ الأنبياء، كُلما هلك نبي خلفهُ نبيٌّ، وإنهُ لا نبيَّ بعدي، وسيكون بعدي خُلفاء فيكثُرون . قالوا : يا رسول الله فما تأمرنا ؟ قال: أوفوا ببيعة الأول فالأول، ثم أعطوهم حقهم، واسألوا الله الذي لكم، فإن الله سائلهم عما استرعاهُم.( متفق عليه )
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنىدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: «بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەرلەر سىياسەت يۈرگۈزگەن، ھەر بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا، ئورنىغا يەنە بىر پەيغەمبەر ئىز باسار بولۇپ كەلگەن. شەكسىزكى مەندىن كېيىن پەيغەمبەر يوق. مەندىن كېيىن ئىزباسارلار بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار كۆپىيىپ كېتىدۇ.» ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇنداقتا بىزنى نېمىگە بۇيرۇيلا؟ دېيىشتى. «بىرىنچى بەيئەتكە، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىرىنچىسىگە ۋاپادار بولۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەققىنى بىرىڭلار! سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھتىن سوراڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن سوراق قىلىدۇ.» (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
بۇ ھەدىسكە ئاساسەن «سىياسەت» سۆزى، شەرئىي ئاتالغۇدۇر. كاپىرلار ۋە بىر قىسىم بىدئەتچىلەر «دىن» بىلەن «سىياسەت» ئايرىم بولىدۇ. «دىن»دا «سىياسەت» يوق دەيدۇ .مانا بۇ پەننى زىيالىيلار بىلەن ھەقىقىي دىنى زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى «سىياسەت» توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر پەرقلىرىدىن بىرىدۇر.
ئۇنداقتا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە سىياسىي بىلىمدىن ئىبارەت. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ساقلىشىنىڭ كاپالىتى ساغلام ئىماندۇر. ساغلام ئىماننىڭ بىرىنچى شەرتى، ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازات بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئازاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنسان بىرىنچى بولۇپ توغرا ۋە مول سىياسى بىلىمگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئىمانى ئارقىلىق ئۆز ئىنسانلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان مىللەت بولسىمۇ ئۇنى ساقلاشتا توغرا ۋە يېتەرلىك سىياسى بىلىم ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغان بولغاچقا ئازادلىقىنى قولدىن بېرىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئىمانىنىڭ ساغلاملىقىمۇ ناچارلاشقان ۋە يوقۇلۇش تەھدىتى ئاستىدا قالغان، بۇلارنى ئەسلىگە ئەكىلىشتە يەنىلا زامانغا لايىق يېتەرلىك ساغلام سىياسى بىلىمگە مۇھتاج.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مىللەتنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىسى، زامانغا لايىق ساغلام ۋە يېتەرلىك سىياسىي بىلىمدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى دەل مۇشۇ مەقسەتتە، ئىنساننى ئىنساننىڭ قۇللىقىدىن پەقەتلا بىر ئاللاھنىڭ قۇللىقىغا چىقىرىشتەك ھەقىقى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ زامانغا لايىق، يېتەرلىك سىياسىتىنى چۈشۈرگەن . دېمەك، بىز ھەركۈنى ئاللاھ چۈشۈرگەن ئاشۇ سىياسەت ۋە ئۇنى يۈرگۈزىدىغان رېئاللىقنى ئۆگىنىپ تۇرمىساق، ئۆزىمىزگە، مىللەتكە بەلكى ئىنسانلىقىمىزغا خىيانەت قىلغان بولىمىز.
ئاللاھتىن باشقىغا بويسۇنماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ھەقىقى ئازادلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەلنى تۆلەش ئۈچۈن ئىزدىنىش لازىم. باشقا ھەرقانداق مەنپەئەتنى ئامال بار بەدەل تۆلىمەي ياكى ئامال بار ئاز بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش ئاقىلانىلىك بولسا، بۇنىڭدا ئىزدەپ، سوراپ بەدەل تۆلەش لازىم. چۈنكى بۇنىڭدا بەدەل تۆلەشنىڭ ئۆزى بەختتۇر. قانداقمۇ بەخت بولمىسۇن؟! چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قىلىدىغان تىجارەت تۇرسا…
سىياسى بىلىم پەقەت ئوقۇش بىلەن ھاسىل بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئوقۇش ۋە كۆرەش قىلىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش بىلەن، يەنە قايتا-قايتا ئوقۇش ۋە كۆرەش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
ئاللاھ بىلەن قىلىدىغان سودا ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك دادىسىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان، جان جىگەر ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گېلىغا پىچاق سۈرەلەيدىغان روھ كېرەك. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدەك رازىمەنلىك بىلەن پىچاققا گېلىنى تۇتۇپ بېرەلەيدىغان روھ كېرەك. يەھيا ئەلەيھىسسالامدەك بوغۇزلانسىمۇ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامدەك بېشىدىن ئايىقىغىچە ھەرىدەلسىمۇ ۋايسىمايدىغان روھ كېرەك.
نۇھ ئەلەيھىسسالامدەك ۋاقىتنىڭ سنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامدەك ئاللاھنى زىكرى قىلىشتىن باشقا ھەرقانداق ئېغىر كىسەل ۋە خانۇ-ۋەيرانچىلىققا پىسەنت قىلمايدىغان روھ لازىم. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك، جاھىل مىللىتىنىڭ ھەرخىل زۇلۇم ـ سىتەم، تىل ـ ھاقارەت ۋە سۇيىقەست ـ خىيانەتلىرىگە ئالىيجاناپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان روھ كېرەك.
شۇنداقلا سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدەك پۈتۈن جاھاننىڭ پادىشاھلىقىمۇ ئۇنى بىر لەھزە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن سۇسلاشتۇرۇپ قويالمايدىغان، ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئەرشى ئەلاغا چىقىپ، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ جامالىنى ئوراپ تۇرغان نۇر پەردىسىدىن باشقا ھېچقانداق ۋاستە توسالغۇسىز ئۇچرىشىپ سۆزلەشكەن بولسىمۇ، كېچىلىرى پۇتى ئىششىپ كەتكۈدەك نامازدا تۇرىدىغان، كۈندۈزلىرى يېتىم-بىچارە ۋە كەمبەغەللەر بىلەن ھەمداستىخان بولىدىغان، بەلكى ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان روھ كېرەك..
ئاپتورى: لۇتپى (توردىن كۆچۈرۈلدى)
ماقالىنىڭ PDF نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈۋالالايسىز:
