بىرىنچى: غەرب، ئىسلام بىلەن ئۇرۇشمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىنى قۇرۇغدايدۇ.

غەرب، دىن بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشۇشنىڭ قارشىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى ئىچىدىن بوشىتىشنىڭ توقۇنۇشمايدىغان بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى بالدۇرلا تونۇپ يەتتى. غەرب، مۇسۇلمان ياشتىن كاپىر بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ھېچقانداق تەسىر كۈچى بولمىغان بىر ئىمانغا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ خالىسا ناماز ئوقۇسۇن، ئەمما مۇنتىزىم بىر مەيدانى، غەيرەت-شىجائىتى ۋە رەت قىلىشى ياكى ئىنكار قىلىشى بولمىسۇن. تىرناقلىرى سۇغۇرۋېتىلگەن، كۈرەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تىزىپ قويىلىدىغان، زىننەت ئۈچۈنلا يارايدىغان بىر ئىسلام ئوتتۇرىغا چىقسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ.» (سۈرە بەقەرە 217-ئايەت). بۇ يەردىكى ئۇرۇش قىلىچ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇقۇملارغا يېڭىدىن تەبىر بېرىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئىككىنچى: بەدەننى ئەگدۈرۈش ئەمەس، ئەقىلنى، زېھىننى يېڭىباشتىن لايىھەلەپ چىقىش.

غەرب، ياشلارنى تۈرمىلەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن-تاماشا ساھەلىرى، «روھىي ساغلاملىق» شوئارلىرى ۋە ئەركىنلىك قالپىقى ئاستىدا شەھۋەتنى مۇقەددەس دەپ داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق ئوغرىلاۋاتماقتا. غەرب، ياشلارنىڭ ئىسلامغا ئەگىشىشىنى چەكلىمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى ئىسلامنىڭ ھاياتلىق بىلەن ئالاقىسى بولمىغان شەخسىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. مانا دەل بۇ يەردە ›ئەقىدىنىڭ ھەرىكەتتىن ئايرىۋېتىلىشى‹ دىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ جىنايەت سادىر بولغان بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ئەڭ خەتەرلىك قورالنى ئىشلىتىش: گۇناھنى نورماللاشتۇرۇش.

مۇسۇلمان ياشلار، ئەخلاقسىزلىقنى رەت قىلسا، ئۆزىنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلىشقا، ئۆز قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرسا، ئۆزىنى بىر خىل قالاقتەك ھېس قىلىشقا، «بۇ ھارام» دېسە، ئۆزىنى خۇددى تاجاۋۇزچىدەك ھېس قىلىشقا كۆندۈرۈلىۋاتىدۇ.

ئاندىن ئۇنىڭغا «مېھرىبانلارچە» مۇنۇ چارە سۇنۇلىدۇ: «مۇسۇلمان بول، ئەمما كىشىلەرنى راھەتسىز قىلما (ئۇلارغا دەخلى قىلما).»

›سۈكۈت قىلىدىغان، «ئەدەپلىك»، ئەمما ھۆكۈمرانلىقىدىن مەھرۇم قالغان بىر ئىسلام‹ – مانا بۇ غەرب خالايدىغان ئىسلامدىن ئىبارەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باشقا مىللەتلەرنىڭ خۇددى تاماققا تەكلىپ قىلىنغانلارغا ئوخشاش، ئۈستۈڭلارغا ھۇجۇم قىلىشى يېقىنلاپ قالدى…» «بىز ئاز بولغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «ياق، ئەكسىچە سىلەر كۆپ، ئەمما سىلەر سەل ئېقىتىپ كەلگەن كۆپۈككە ئوخشايسىلەر» دەپ جاۋاب بەرگەن. «كۆپۈك» بولۇش، ساننىڭ ئازلىقى ئەمەس، بەلكى مەنىنىڭ قۇرۇقدىلىشىدۇر.

تۆتىنچى: ياشلارنى بىر دەۋا ئىگىسىدىن ئىستېمالچىغا ئايلاندۇرۇش.

غەربنىڭ سىستېمىسىدا مۇسۇلمان ياش مۇنداق ھالەتتە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ: شەھۋەتنىڭ، ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىستېمالچىسى، تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ قۇلى، تېزلىكتە ھۇزۇرلىنىشنىڭ تۇتقۇنى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەرقانداق بىر غايە، پىلاندىن مەھرۇم…

چۈنكى ئەقىدە ئۇلارنىڭ «بازىرىنى» بىئارام قىلىدۇ، يەنە ئۇ شەھۋەتنى، ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى تىزگىنلەيدۇ. تىزگىنلەنگەن شەھۋەت، ئارزۇلار بېرىپ كاپىتالىزمنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان ياشقا: «ھازىر ياشاۋەر، كېيىن ئويلان، ئەگەر شۇ چاغدا ئويلايدىغان يەنە بىرەر نەرسەڭ قالىدىغان بولسا» دېيىلىۋاتىدۇ.

بەشىنچى: ئەركەكلىك ۋە ئاياللىققا تەڭ زەربە بېرىش.

غەرب، پەقەت مۇسۇلمان كىملىكىنىلا نىشانغا ئالمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەركىشىنى ئاياللاشتۇرىدۇ، ئايالنى سەتلەشتۈرىدۇ (ئاياللىق تەبىئىتىدىن چىقىرىپ، تۈگەشتۇرىدۇ)، ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئائىلە باشلىقلىقىنى (ئۈستۈنلۈكنى) شەيتانلاشتۇرىدۇ ۋە ئىپپەت-نومۇسلۇق بولۇشنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاندىن نومۇسسىزلارچە «مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىپ كېتەلمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۈلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى سىڭىشىپ كېتىش ئەمەس، بەلكى پارچىلىنىپ يوق بولۇشتىن ئىبارەت.

ئالتىنچى: ئەڭ خەتەرلىك يالغانچىلىق: «بىز سېنى قوغدايمىز».

بارلىق قوغداش شوئارلىرى (ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش، ياشلارنى قوغداش، ئەركىنلىكنى قوغداش) ھەمىشە مۇنۇ نۇقتىدا توختايدۇ: دادىلىق سۈپىتىنى قۇمۇرۇپ تاشلاش، دىنىي تايانچلارنى سەت كۆرسىتىش ۋە دۆلەتنى «ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ ئاخىرقى تەربىيەچى»گە ئايلاندۇرۇش. بۇنىڭ نەتىجىسىدە: ئاتىسىز، يېتەكلىگۈچىسىز، ئۆرنەك ئالغۇچىسى بولمىغان بىر ياشلىق… ئەمما قارشىسىدا قولىدا بانكا كارتىسى ۋە تولۇق جىنسىي ئەركىنلىكى بار بىر ياشلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، غەرب، مۇسۇلمان ياشنى ئۆلتۈرۈشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئىچى بوشىتىلغان، قۇرۇقدالغان بىر نۇسخىسىنى خالايدۇ: يەنى، ئىسمى بىلەن مۇسۇلمان، قىممەت قارىشى بىلەن غەربلىك، ھەرىكىتى بىلەن ئىستېمالچى، قارشى چىقىشتىن، ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن قورقىدىغان…

بۇ ئاشكارە دۈشمەنلىكتىن بەكرەك خەتەرلىكتۇر. چۈنكى ئاشكارە دۈشمەنگە قارشى تۇرغىلى، چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما ساڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان دۈشمەن، سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيەلەپ، چوڭ قىلىدۇ.

« ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.» (سۈرە نىسا، 89-ئايەت). ئايەتتە ئۇلار «سىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېمىدى، بەلكى « ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ » دېدى.

زاد-راھىلە تورى تەرجىمە قىلدى.

ماقالىنىڭ PDF نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈۋالالايسىز: